为了正常的体验网站,请在浏览器设置里面开启Javascript功能!
首页 > 成绩重要还是效果重要?

成绩重要还是效果重要?

2010-04-22 2页 doc 31KB 24阅读

用户头像

is_476695

暂无简介

举报
成绩重要还是效果重要?نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئەتراپىلىق يېتىلىشكە ؟ ساۋ جۇڭيۈەن يېقىندا توردىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم: ‹‹ ئەليۇلئەلا ›› بولۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن يېزىلىق بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرى يولۇقمىغان نۇرغۇن باش قېتىنچىلىققا دۇچ ...
成绩重要还是效果重要?
نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئەتراپىلىق يېتىلىشكە ؟ ساۋ جۇڭيۈەن يېقىندا توردىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم: ‹‹ ئەليۇلئەلا ›› بولۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن يېزىلىق بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرى يولۇقمىغان نۇرغۇن باش قېتىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ئۇ ئۆزىدىكى تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئىمتىھان بېرىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارنىڭ بۇ يەردە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتالمايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغان، پۇتبول تېپەلمەيدىغانلىقىنى، ئىنگلىزچە ناخشا – مۇزىكىلارنى، تولغىما ئۇسسۇلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، ھەتتا چەت ئەللىك مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ بىرەر داڭلىق ئەسىرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى غەزەپلىنىپ: ‹‹ مېنى ئىمتىھان مائارىپى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ساۋاقداشلىرىم دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۆپ كىتاپ ئوقۇيدىغانلىقىم، بىلىمىمنىڭ بىر قەدەر موللۇقىنى ئېتىراپ قىلاتتى. بىراق، كۆزۈم ئېچىلغاندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن چاغدىكى ئىمتىھان نەتىجەمنىڭ ھەقىقەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم، قاتمال ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن تولغان دەرسلىكلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆلۈك يادقا ئېلىش بىلەن پەقەت تۆۋەن قاتلاملىق ھەم ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغان مەسىلىلەرنى يەشكىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا نېمىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ›› دېگەن.    ئىلگىرى ئاتا – ئانىسىنى ۋە يۇرتداشلىرىنى ئىپتىخارلاندۇرغان بۇ ئەلاچى ئوقۇغۇچى 12 يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ھەقىقىي قىممىتى بار تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئۆگىنەلمىگەنلىكىگە ھەيران قالغان ھەم ئۆزىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن، ھەتتا ئۆزىنى كارغا كەلمەس بىر نېمە ئوخشايمەن، دەپ ھېس قىلغان. بۇ خەۋەر مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ غەزىپى دەل مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنىدى. دېمىسىمۇ كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا ئەمەس، بەلكى ئىمتىھان نەتىجىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئېلىمىز ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ‹‹ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش ›› يەنىلا كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىلىش نىشانى بولماقتا. كىشىلەر ھەمىشە ‹‹ ئىمتىھان نەتىجىسى ھەممىدىن مۇھىم ›› دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشى كەلگۈسىدىكى ئىش بولغانلىقتىن، بۇنىڭغا كىشىلەر ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ.    بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش، ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئىمتىھان مائارىپىدىكى ئۆلۈك تۈگۈندۇر. ئېلىمىزدىكى كىتابىي بىلىملەرنى ئۆلۈك يادقا ئالىدىغان جاپاكەش ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىتابىي بىلىملەرنى ئىگىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئاسترونومىيە تېلىسكوپلىرىدا ۋېنېرا، يۇپىتېر، مارس، ساتۇرن ۋە ئاقار يۇلتۇزلارنى كۆزىتىشكە، تەبىئەتتىكى سىرلارنى چۈشىنىشكە؛ ‹‹ ئىت نېمىگە تايىنىپ ئويۇنچۇق تاللايدۇ ›› ، ‹‹ مۈشۈك سولخايمۇ، ئوڭخايمۇ؟ ›› ، ‹‹ كىلاسسىك مۇزىكا، ئاممىباب مۇزىكا، تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ›› قاتارلىق مەسىلىلەرنى يېشىشكە ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. ئۇلار بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ياغاچ ئورۇندۇق ياسىشىنى ساپا مائارىپى، دەپ قارايدۇ. ھازىر ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياغاچچىلىق، مېخانىكا، باغۋەنچىلىك، قۇرۇلۇش لايىھەسى قاتارلىق دەرسلىكلەر تەسىس قىلىنغان. ئەمما بىزدىچۇ؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز ‹‹ يېپىق ›› مائارىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىز كىتابتىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ، سوئال دېڭىزىغا غەرق بولغان، دەرسلىكلىرىمىز بىلىم قاچىلانغان ھارۋا، دەرسخانىلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ساتىدىغان دۇكىنىغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە لايىق كەلمىگەن ئېغىر سومكىلارنى ئېسىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، يېشىغا ماس كەلمىگەن كۆزەينەكلەرنى بالدۇرلا تاقىغانلىقىنى، تەن ساغلاملىقىنىڭ كۈنسېرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىۋەرسە، بالىلىرىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولارمۇ؟    شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى شۇنچە ياخشى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىختىرا قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ؟ جۇڭگولۇقلار شۇنچە ئەقىللىق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزدىن تا ھازىرغىچە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار چىقمايدۇ؟ دەپ ئاغرىنىپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەلۋەتتە، مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىر نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ، يەنى، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە يېشىش ئىقتىدارىنىلا يېتىلدۈرۈشكە ئېتىبار بېرىپ، باشقا جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلمەيمىز. ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلە يېشىش ئىقتىدارىنىلا يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان مائارىپتۇر، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆكۈنۈشىنى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىدىن پەيدا بولغان تەسىراتى، دېيىشكە بولىدۇ. ناۋادا ‹‹ سەرخىل ›› لىرىمىز مۇشۇنداق ئۈمىدسىزلەنسە، ئۇنداقتا، ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئالغان تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز قانداق قىلىدۇ؟ ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە مەسىلە يېشىشنىلا ئۆگىنىپ، مۇشۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزچۇ؟ بىلىم قۇرۇلمىسى ناچار، نەزەر دائىرىسى تار، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ئاجىز ھەم پىسخىك ساپاسى تۆۋەن بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىكچىلىك يولى قانداق بولار؟ بىز ئۇلارغا ھەقىقىي قىممىتى بار قانداق نەرسىلەرنى ئۆگىتەلىدۇق؟
/
本文档为【成绩重要还是效果重要?】,请使用软件OFFICE或WPS软件打开。作品中的文字与图均可以修改和编辑, 图片更改请在作品中右键图片并更换,文字修改请直接点击文字进行修改,也可以新增和删除文档中的内容。
[版权声明] 本站所有资料为用户分享产生,若发现您的权利被侵害,请联系客服邮件isharekefu@iask.cn,我们尽快处理。 本作品所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用。 网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽..)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。

历史搜索

    清空历史搜索