为了正常的体验网站,请在浏览器设置里面开启Javascript功能!
首页 > 你吸烟吗?

你吸烟吗?

2011-05-14 32页 ppt 1MB 38阅读

用户头像

is_109719

暂无简介

举报
你吸烟吗?nullتاماكا چىكەمسىز ؟؟؟تاماكا چىكەمسىز ؟؟؟nullتاماكا ئىسىدا 69 خىل راك پەيدا قىلغۇچ ماددا بار . تاماكا ئىسىدا 69 خىل راك پەيدا قىلغۇچ ماددا بار . ھەربىي ئىشلار دۇختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دۇختۇرخانا باشلىقى جۇماۋ شىياڭ جۇڭگۇ 5- نۆۋەتلىك ئىلىم پەن تەتقىقات يىغىنىغا قاتنا...
你吸烟吗?
nullتاماكا چىكەمسىز ؟؟؟تاماكا چىكەمسىز ؟؟؟nullتاماكا ئىسىدا 69 خىل راك پەيدا قىلغۇچ ماددا بار . تاماكا ئىسىدا 69 خىل راك پەيدا قىلغۇچ ماددا بار . ھەربىي ئىشلار دۇختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دۇختۇرخانا باشلىقى جۇماۋ شىياڭ جۇڭگۇ 5- نۆۋەتلىك ئىلىم پەن تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشقاندا كىشنى ھەيران بىرقىسىم سانلىق قىممەتلەرنى ئېلان قىلدى : تاماكىدىكى خېمىيىلىك تەركىبلەر 5068 خىلغا يىتىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە 69 خىل ماددا رەك كىسىلىنى پەيدا قىلىدۇ . تاماكا : 1. بەدەنگە زىيانلىق . دۇنيادا ئۈچ قاتىل دەپ ئاتىلىدىغان راك قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بۇلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپچىلىرىدىن بىرى . كىسەللىككە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىۋېتىدۇ ، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ ئۆمرى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 5 يىلدىن 8 يىلغاچە قىسقا بۇلىدۇ . nullnull 2. ئائىلىدىكىلەرگە زور تاپاپەت ئېلىپ كىلىدۇ ، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ تاماكا چىكىش نىسبىتى يۇقۇرى بۇلىدۇ ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ۋاستىىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ . 3. تاماكا چىكىشكە خۇمار بۇلۇپ قالسا ئىقتىسادى چىقىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدۇ . ئائىلە ئىقتىسادىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ . 2. ئائىلىدىكىلەرگە زور تاپاپەت ئېلىپ كىلىدۇ ، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ تاماكا چىكىش نىسبىتى يۇقۇرى بۇلىدۇ ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ۋاستىىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ . 3. تاماكا چىكىشكە خۇمار بۇلۇپ قالسا ئىقتىسادى چىقىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدۇ . ئائىلە ئىقتىسادىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ . راك كىسىلىنىڭ مەنبەسى !!راك كىسىلىنىڭ مەنبەسى !!تاماكا راك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇشقا سەۋەپچى بۇلىدۇ . تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بۇلۇشىچە تاماكا چىكىش ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرى ئىكەن . تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 13 ھەسسە يۇقۇرى بۇلىدىكەن . ئەگەر ھەر كۈنى 35 تالدىن يۇقۇرى تاماكا چەكسە ، راك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 45 ھەسسە يۇقۇرى بۇلىدىكەن . تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭككىگە قارىغاندا 10-13 ھەسىگىچە يۇقۇرى بۇلۇپ ، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كىتىشنىڭ 85 % تاماكا چىكىشتىن كىلىپ چىقىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقىسىم راك كىسەللىكلىرىنىڭ مەسىلەن ، كاناي راكى ، ئېغىز بوشلىقى راكى ، ئاشقازان يۇلى راكى ، ئاشقازان راكى ، ئىنسولىن راكى ، بۆرەك راكى ، بالياتقۇ راكى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ يۇز بىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار . nullnullnull吸烟危害健康已是众所周知的事实。。不同的香烟点燃时所释放的化学物质有所不同,但主要数焦油和一氧化碳等化学物质。香烟点燃后产生对人体有害的物质大致分为六大类 (1)醛类、氮化物、烯烃类,这些物质对呼吸道有刺激作用。 (2)尼古丁类,可刺激交感神经,引起血管内膜损害。 (3)胺类、氰化物和重金属,这些均属毒性物质。 (4)苯丙芘、砷、镉、甲基肼、氨基酚、其他放射性物质。这些物质均有致癌作用。 (5)酚类化合物和甲醛等,这些物质具有加速癌变的作用。 (6)一氧化碳能减低红血球将氧输送到全身去能力。ئۆپكىڭىز ساقمۇ ؟؟؟ئۆپكىڭىز ساقمۇ ؟؟؟تاماكا سىزنى گۆرگە ئالدىرتىدۇ !تاماكا سىزنى گۆرگە ئالدىرتىدۇ !سانلىق مەلۇماتلاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىلى تاماكا چىكىشكە مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر بىلەن ئۈلۈپ كىتىدىغانلار 3 مىلىيۇنغا يېتىدىكەن ، بۇ ھەر 10 سىكونتا بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . مۇتىخەسسىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە 2020- يىلىغا بارغاندا بۇ سان 10 مىليونغا يىتىشى مۇمكىن ئىكەن . دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاماكا چەككۈچىلەر دۆلىتى بۇلۇپ ، مۆلچەرنىشىچە 2020 - يىلىغا بارغاندا يڭلىغا 2 مىليون ئادەم تاماكا چىكىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان كىسەللكىلەر بىلەن ئۆلۈپ كىتىدىكەن . نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىلى توت مىليون توققۇز يۇز مىڭ ئادەم تاماكا چىكىشتىن كىلىپ چىققان كىسەللىكلەر بىلەن جېنىدىن ئايرىلىدىغان بۇلۇپ ، ھەر يىلدىكى ئۇمۇمى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئوندەن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن ، مۆلچەرلىنىشچە بۇ سان 2030 - يىلغا بارغاندا بۇ سان ئون مىليونغا يىتىشى مۇمكىن ئىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە مىليون ئادەم جۇڭگۇغا تارقالغان بۇلۇپ ئۇمۇمى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئالتىدەن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن . ھازىر تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر بىلەن ئۈلۈپ كەتكەنلەنىڭ سانى باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرەە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتىدۇ . nullnullتاماكا چىكىشنىڭ زىيىنى .تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنى . تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى، ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆپلىگەن مېدىتسىنا تەجرىبىسى ۋە تەتقىقاتتا قايتا – قايتا ئىسپاتلانغان.    شوتلاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ دۆلەتنىڭ 1947 – يىلىدىكى 465 نەپەر 11 ياشلىق بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناش ماتېرىيالىغا ئېرىشكەن، ئەينى ۋاقىتتا بۇ بالىلارنىڭ پۈتكۈل مېڭە ئىقتىدارى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر بولغان. بۇ ماتېرىياللارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلاردا يەنە داۋاملىق ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش ئىستىكى تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار 2000 – يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بايقىغان.   بەش تۈرلۈك بىلىشنى سىناش داۋامىدا، ھازىرمۇ تاماكا چېكىۋاتقانلارنىڭ ئالغان نومۇرى ئەڭ تۆۋەن، ئەزەلدىن تاماكا چېكىپ باقمىغانلارنىڭ ئالغان نومۇرى ئەڭ يۇقىرى، ئىلگىرى تاماكا چەككەن ئەمما ھازىر تاشلىغانلارنىڭ ئالغان نومۇرى ئوتتۇرا ھال بولغان. ئۇلارنى سىناشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش، ئەستە تۇتۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى بىلىش ئىكەن. null  بۇ تەتقىقاتنى ئابېردىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لاۋرېنىس ۋال قاتارلىق كىشىلەر ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىشنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما بىر تۈرلۈك لوگىكىلىق ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىنكى مەزگىللىك ھايات داۋامىدا، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئەركىن رادىكال، دەپ ئاتىلىدىغان ‹‹زىيانلىق ئاتوم››غا نىسبەتەن تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، تاماكا چەككەن ۋاقىت تاماكىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ دەل مۇشۇنداق زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىشىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بولغاچقا، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەملەر ئاستا – ئاستا ھاماقەتلىشىدىكەن.   ناۋادا ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن يېنىك بوۋاق تۇغۇش، بالدۇر تۇغۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوڭايلا كانايچە يەللىكى، ئۆپكىسى نورمال يېتىلمەسلىك، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئاسانلا زىققا، ئوتتۇرا قۇلاق يەللىكى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بوۋاقلار ھەم بالىلارنىڭ بىلىشى ۋە يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئەقلىي ئىقتىدارى ساغلام بالىلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاجىز بولىدىكەن.nullتاماكا تاشلىغاندا ....تاماكا تاشلىغاندا ....ئاۋۋال تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. پەقەت بىر كۈن تاماكا تاشلىسىلا تاماكا تاشلاشنىڭ يۈرەك، قان بېسىمى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئېلىپ كىلىدىغان پايدىسى ئېنىق ئايان بولىدۇ. تاماكا تاشلاپ بىر يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە خەۋپى داۋاملىق تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ.   تاماكا تاشلاپ 5-15يىلدىن كېيىن سەكتە بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشىدۇ.    تاماكا تاشلاپ 10يىلدا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى داۋاملىق تاماكا چېكىدىغانلارغا قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ. ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى، بۆرەك راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ، ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ.   تاماكا تاشلاپ 15يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئۆلۈپ كېتىش ئومومىي خەتىرى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا تاشلاش كېچىككەنلىك ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ياخشىسى ساغلاملىققا ئېغىر زىيان يېتىشتىن ئاۋۋال تاماكىنى تاشلاش كېرەك. ئالتۇنرەڭ چىشلاردا كىيىچە ئۇماچلا ئىچەلەيسىز !!ئالتۇنرەڭ چىشلاردا كىيىچە ئۇماچلا ئىچەلەيسىز !!  .تاماكىنى قانداق تاشلاش كېرەك؟  .تاماكىنى قانداق تاشلاش كېرەك؟  (1) تاماكىنى تاشلاشنى ھازىردىن باشلاش كېرەك، تاماكىنى مۇتلەق تاشلاش ياكى تاماكا چېكىش قېتىم سانىنى تەدرىجى ئازايتىش ئۇسۇلىدا ئادەتتەئۈچ-تۆت ئايدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.   (2) بارلىق تاماكا، چاقماق، سەرەڭگە ۋە كۈلدانلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك.   (3) ئىلگىرىكى دائىم تاماكا چېكىدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.   (4) تاماقتىن كېيىن سۇ ئېچىش، مېۋە-چېۋە يېيىش ياكى سەيلە قىلىش لازىم، تاماقتىن كېيىن بىر تال چېكىۋېلىش ئويىدىن قۇتۇلۇش كېرەك.   (5) تاماكا خۇمارى تۇتقاندا دەرھال چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى ئىشلەش ياكى شېكەرسىز سېغىز چايناش كېرەك. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاماكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ساقلىنىش لازىم، ئۇنداق قىلمىغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش، بەدەن سەمىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.   (6) تاماكىنىڭ قىزىقتۇرۇشىنى قەتئىي رەت قىلىش، يەنە بىر تال تاماكا چەكسىلا تاماكا تاشلاش پىلانىنىڭ نۆلگە تەڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. null  2. تاماكا تاشلىغاندا چىداش تەس بولغان دەسلەپكى بەش كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟ تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:   (1) ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا 6-8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ، نىكوتىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.   (2) ھەر كۈنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، تاماكا خۇمارىغا چىدىيالمىغاندا دەرھال يۇيۇنىۋېلىش كېرەك.   (3) تاماكا تاشلىغان بەش كۈندە يېتەرلىك دەم ئېلىش، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش لازىم.   (4) تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش، 15-30مىنۇتقىچە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ھەرىكىتى ئىشلەش كېرەك.   (5) غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنى سۈت، يېڭى مېۋە شەربىتى ۋە دانلىقلار تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك.   (6) ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىك، مايلىق يېمەكلىك، قەنت-گىزەك، تاتلىق-تۈرۈملەرنى يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.   (7) ۋىتامىنB تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ نىكوتىننى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەسلەپكى بەش كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە تاماكا تاشلاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىسە بولىدىكەن:  1. تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش ياكى ئېغىزنى چايقاش، پاكىزە، تاماكا پۇرىقى يوق كىيىملەرنى كىيىش.   2. قولىدا تاماكا تۇتىدىغان ئادەتنىڭ ئورنىغا سىياھ قەلەم ياكى قېرىنداش تۇتۇشنى دەسسىتىش.   3. كۆپرەك ۋاقىتنى كۇتۇپخانىدا ياكى تاماكا چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈش.   4. قاۋاققا ۋە زىياپەتكە بېرىشتىن ساقلىنىش، تاماكا خۇمارى ئېغىر كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشتىن ساقلىنىش.   5. تاماكا چەكمەي ئىقتىساد قىلغان پۇلغا ئۆزى ئۈچۈن بىر سوۋغات سېتىۋېلىش.   6. ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە تاماكا چەككۈسى كېلىدىغان ئادەتنى تاشلاشقا ھازىرلىق كۆرۈش.   يۇقارقىلارنى بىرلەشتۈرگەندە تاماكىنى تامامەن تاشلىغىلى بولىدۇ، مۇھىمى قەتئىي ئىرادە. nullتاماكا تاشلاپ 20مىنۇتتىن 15يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەيران قالارلىق بايقاشتاماكا تاشلاپ 20مىنۇتتىن 15يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەيران قالارلىق بايقاش   خۇشخەۋەر! سالامەتلىكىڭىز سىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى چەككەندىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى!   تاماكا تاشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن: نىكوتىن قاننىڭ ئېقىشىنى چەكلەيدۇ، شۇڭا تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى نىكوتىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قول ۋە پۇت قىسمىنىڭ شۇنداق بولىدۇ.   تاماكا تاشلاپ سەككىز سائەتتىن كېيىن: قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تاماكا چەكمىگەن چاغدىكى سەۋىيىگە يېتىدۇ، شۇنداقلا بەدەندىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى %50 ئازىيىدۇ.   تاماكا تاشلاپ 24 سائەتتىن كېيىن: بەدەندە قىپقالغان كاربون چالا ئوكسىد ئاساسەن يوقىلىدۇ، ئۆپكە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان باشقا تاماكا قالدۇق ماددىلىرىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ.    تاماكا تاشلاپ 48 سائەتتىن كېيىن: نىكوتىن تولۇق يوقايدۇ، تەم سەزگۈڭىز ۋە پۇراش سېزىمىڭىزنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.   تاماكا تاشلاپ 72 سائەتتىن كېيىن: نەپەسلىنىش تېخىمۇ يەڭگىلىشىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن روھىي ھالىتىڭىزدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.  null تاماكا تاشلاپ ئۈچ ئايدىن توققۇز ئايغىچە: ھەر قانداق نەپەس مەسىلىلىرى ياخشىلىنىدۇ ھەمدە ئۆپكىنىڭ ئۈنۈمى %10 ئاشىدۇ.   تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن: كۆپىيىش ئىقتىدارى %33 ئاشىدۇ.   تاماكا تاشلاپ بەش يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماكا چېكىشتىن ئاۋۋالقىنىڭ يىرىمىغا تۆۋەنلەيدۇ، سەكتە بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.   تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن: ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى نورمال ئادەملەرنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ.   تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.   ئەگەر سىز 35 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن تاماكىنى مۇۋەەپەقىيەتلىك تاشلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆزلەنگەن ئۆمرىڭىز نورمال كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلاشنىڭ 12 ئۇسۇلىتەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلاشنىڭ 12 ئۇسۇلى   تاماكا چېكىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، شۇڭا تاماكىنى بۇرۇنراق تاشلاش كېرەك. تاماكا تاشلاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، تۆۋەندىكى 12خىل تاماكا تاشلاش چارىسىنى كۆپچىلىك سىناپ باقسا بولىدۇ:    1. مەقسەتلىك ھالدا بىر-ئىككى كۈن تاماكىنى مىقداردىن ئارتۇق چېكىپ (ھەر كۈنى ئىككى قاپ ئەتراپىدا)، بەدەننى تاماكىنىڭ پۇرىقىدىن بىزار قىلىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش ياكى سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ تاماكا چەككۈسى كەلمەي قالغاندا تاماكا تاشلاش كېرەك.    2. ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقڭىزنى ئويلاش بىلەن بىرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى (مەسىلەن، قولىڭىزدىكى تاماكا قېپى ياكى تاماكىغا بەلغەم يۇقۇپ قالغان دېگەندەك) تەسەۋۋۇر قىلىڭ.    3. تاماكا تاشلىشىڭىزدىكى سەۋەبنى قەغەزگە يېزىپ، دائىم ئوقۇپ تۇرۇڭ؛ مۇمكىن بولسا ئىمكانقەدەر يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تۇرۇڭ.    4. ستېۋىلىشنى ئويلىغان نەرسىلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭ باھاسى بويىچە شۇ پۇلغا قانچە قاپ تاماكا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاڭ. ھەر كۈنى تاماكا ئالىدىغان پۇلنى غەللىگە سېلىڭ. ھەر ئايدا بىر قېتىم پۇلنى ساناپ تۇرۇڭ.   5. دوستلىرىڭىز بىلەن باغلىشىپ، تاماكا تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا پۇلىڭىزنى «دوغا تىكسىز». null  6. پاچكىلاپ تاماكا سېتىۋالماڭ.   7. تاماكا، سەرەڭگە ياكى چاقماقنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرمەڭ.   8. تاماكىڭىزنىڭ ماركىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇڭ، ئەمما يېڭى ماركىدىكى تاماكىنىڭ كوكس مېيى مىقدارى بۇرۇنقى ماركىدىكى تاماكىنىڭكىدىن چوقۇم تۆۋەن بولسۇن.   9. ئىس تەركىبىدىكى زەھەرنىڭ ئۆپكە، بۆرەك ۋە قان تومۇرغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى دائىم مۇلاھىزە قىلىڭ.   10. تاماكا پۇرىقىنىڭ نەپەسلىنىش، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي ئىچىدىكى بىساتلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىڭ.   11. ئۆز قىلمىشىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا يەتكۈزۈدىغان زىيىنىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئۇلار بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتىدۇ.   12. ئۆزىڭىزدىن ساغلاملىقىڭىزنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ئۈچۈن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى سوراپ بېقىڭ. nullتاماكا تاشلاشنىڭ ئالتە ئېپىتاماكا تاشلاشنىڭ ئالتە ئېپى  1. تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىۋاستە ھېس قىلىپ، تاماكا تاشلاشنى ئاڭلىق تەلەپ قىلىشى لازىم.   2. ياخشى بولغان ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى تېپىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ھەمىشە «قىلغىلى ئىش قالمىغان»دەك ھېس قىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياكى ئۆيگە سېغىز، گازىر، مېۋە-چېۋە دېگەنلەرنى قويۇپ قويغاندا، ئۈلارغا «مەنىسىزلىك»نى ھېس قىلدۇرماسلىقى مۇمكىن.   3. تاماكا چېكىش سايمانلىرىنى، مەسىلەن، چاقماق، كۈلدان، تاماكا قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ «شەرتلىك رېفلېكس»ىنى ئازايتىش كېرەك.   4. تاماكا چېكىشنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، دوست-بۇرادەر ۋە خىز مەتداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى باشلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.   5. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە ئۈنۈملۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش، شۇنداقلا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ باشقا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا دىققەتنى بۇرىغىلى بولىدۇ. تەنھەرىكەت جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ. كەيپىيات مۇقىم بولغاندىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.   6. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، قايتا چېكىشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن يەنە بىرنى تارتىپ قويۇش ياكى بىر تال چېكىپ سېلىش تاماكا تاشلاش مەغلۇپ بولغانغا تەڭ ئەمەس، سەۋەبىنى كۆڭۈل قويۇپ تېپىپ چىقىپ، تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان قىزىقارلىق 15 ئۇسۇل  null  تاماكا تاشلاپ باققانلارنىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلاش تەس، تاماكا تاشلاش كەمپۈتى يېگەن، تاماكا تاشلاش مۇشتىكى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ تىتىلداپ، ئاخىرقى بىر تالنى چېكىۋالغۇسى كېلىدۇ، نەتىجىدە تاماكا تاشلاش پىلانىنى تاماملىيالمايدۇ، دەيدۇ. تۆۋەندە سىزگە تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بەزى قىزىقارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز:  1. ئۆزىڭىزنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك پىلانىڭىزنى تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۆزىڭىزگە تاماكا چەككىلى بىر سېكۇنتمۇ ۋاقىت قالمىغۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.   2. تاماكىنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىڭ؛ ناۋادا بىر كىمنى ياقتۇرمىسىڭىز، شۇنىڭغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.   3. ھەر كۈنى سەھەردە ئۆزىڭىزگە: مەن تاماكىدىن بىزار، مەن تاماكىغا ئۆچ، دەڭ.   4. بىر يۈرۈش ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئۆگىنىپ، تاماكا چەككۈڭىز كەلگەندە سەكرەپ-تاقلاپ تازا تەرلەڭ.   5. بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ياكى چىلان-لوڭيەن چېيى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى: سالامەتلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا موھتاج، دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭ.   6. ھېسابلاپ بېقىڭ: بىر يىللىق تاماكا پۇلىنى ئىقتىساد قىلسىڭىز داڭلىق سائەتتىن بىرنى ئارتۇق سېتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن.   7. ئىلگىرىكى تاماكا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنى «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»غا ئىئانە قىلىشمۇ توغرا تاللاشتۇر.   8. بىر نەچچە تەشتەك چىرايلىق گۈل ئۆستۈرۈپ، مىجەزنى تاۋلاپ، دىققەتنى ئىمكانقەدەر بۇراڭ. null  9. ئۆيلەرنى تازىلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىڭىزنى پاكىزە، رەتلىك، ساپ تۇتۇڭ.   10. ئۆزىڭىز ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن سېتىۋېلىڭ، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يەڭ.   11. ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزغا: «مەن تاماكا تاشلىدىم» دەپ، ئۇلارنى تاماكا تاشلىغانلىقڭىزغا گۇۋاھچى قىلىڭ.   12. تاماكا چېكىۋاتقانلارنى كۆرگەندە كۆڭلىڭىزدە: «ئەخمەق، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتىسەن» دەڭ.   13. ئەگەر بىرسى سىزگە تاماكا تۇتسا، سىز ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن باغلاشقانلىقڭىزنى، ئەگەر بىر تال چېكىپلا قالسىڭىز 15-قەۋەتتىن سەكرىشىڭىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ.   14. ئۆزىڭىزنى: مېنىڭ ئىرادەم ھەقىقەتەن كۈچلۈك، ھەتتا تاماكىنىمۇ تاشلىۋەتتىم، دېمەك مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق، دەپ ماختاڭ.   15. دائىم ئۆينى يوقلاپ تۇرۇڭ، تاماكا ئالىدىغان پۇلغا ئازراق سوۋغات سېتىۋىلىپ ئاتا-ئانىڭىزغا تەقدىم قىلىڭ. تاماكا چىكەمسىز ؟؟؟؟تاماكا چىكەمسىز ؟؟؟؟تاماكا چەككۈچىلەر باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ !! ھەر بىرىمىزنىڭ تاماكا چەككۈچىلەرنى تۇسۇش ، نەسىھەت قىلىش ، ئۇلارنى ھەم ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار !! تاماكا چەككۈچىلەر باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ !! ھەر بىرىمىزنىڭ تاماكا چەككۈچىلەرنى تۇسۇش ، نەسىھەت قىلىش ، ئۇلارنى ھەم ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار !!
/
本文档为【你吸烟吗?】,请使用软件OFFICE或WPS软件打开。作品中的文字与图均可以修改和编辑, 图片更改请在作品中右键图片并更换,文字修改请直接点击文字进行修改,也可以新增和删除文档中的内容。
[版权声明] 本站所有资料为用户分享产生,若发现您的权利被侵害,请联系客服邮件isharekefu@iask.cn,我们尽快处理。 本作品所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用。 网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽..)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。

历史搜索

    清空历史搜索