为了正常的体验网站,请在浏览器设置里面开启Javascript功能!

喀什文学

2014-03-01 4页 doc 96KB 24阅读

用户头像

is_722787

暂无简介

举报
喀什文学 3 كەلمىگەچ ئابدۇغوپۇرجان راخمان ئايرال شېئىرى چالمىدىم سازنى بۈگۈن سەن جان نىگارىم كەلمىگەچ، چىن دىلىم ھەسرەتكە تولدى ،شۇ دىلخۇمارىم كەلمىگەچ. گۈل قولۇم بولدى قوپال،نۇر كۆزلىرىم گوياكى چۆل ، ئول كۆڭۈل غەشلىكتە قالدى ك...
喀什文学
3 كەلمىگەچ ئابدۇغوپۇرجان راخمان ئايرال شېئىرى چالمىدىم سازنى بۈگۈن سەن جان نىگارىم كەلمىگەچ، چىن دىلىم ھەسرەتكە تولدى ،شۇ دىلخۇمارىم كەلمىگەچ. گۈل قولۇم بولدى قوپال،نۇر كۆزلىرىم گوياكى چۆل ، ئول كۆڭۈل غەشلىكتە قالدى كۈتكەن باھارىم كەلمىگەچ. كۈلمىدىم ئاغزىم ئېچىپ،قاھ-قاھ قىلىپ ،گۈللەر كۆرۈپ، ياشلىقىم كۈلپەتتە قالدى ،شۇ قىبلىگاھىم كەلمىگەچ . قۇيۇلار ياشلار كۆزۈمدىن دەم توختىماي قان ئارلىشىپ، ھۆسنىنى ئاچماي ئۆتەر گۈل رەيھان خۇمارىم كەلمىگەچ. كۆككە باقسام كۆز قىسىپ يۇلتۇز مېنى زاڭلىق ئىتۇر، مەنە كەم بولدى كۈنۈمدە،سەن مېھرىبانىم كەلمىگەچ. بولىمەن مەجبۇر ھامان بىل،چېكىپ ئازاب،مىسكىن ياشاپ، نە ئامال شۇ شاد كۈلۈشكە بۇلبۇل نىگارىم كەلمىگەچ. مەيلىغۇ ئابدۇغوپۇرجان راخمان ئايرال شېئىرى رەنجىمە كۆڭلۈم بىراۋدىن تانسا سەندىن مەيلىغۇ، شان-شەرەپ ئابروينى دەپ چانسا سەندىن مەيلىغۇ. ئوت بولۇپ كۆيسۇن ئەبەدكە سەندىكى ئارزۇ-تىلەك، بول جەسۇر! قوللاش مەدەتلەر قالسا سەندىن مەيلىغۇ. كۈتمىگىن ئىچ ئاغرىتىش تاغلار بېشىڭغا چۈشسىمۇ، سەن ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكلەر يانسا سەندىن مەيلىغۇ. ئەگمە باش كۈلپەت -جاپاغا ،دەپلا قوي:‹ئۇ بىر سىناق›، جاننى شۇ قات-قات رىيازەت ئالسا سەندىن مەيلىغۇ. يولى كەڭ بىلگىن ئەزەلدىن بۇ ھايات ئوكيانىنىڭ، تىل تۇرۇپ ئەردەك ياشاپ،قان ئاقسا سەندىن مەيلىغۇ. تېرىشىپ تاغلار، داۋان ئاش ،پەن-بىلىم دۇنياسىدا، ئاڭلا ئەي ئايرال ئىلىڭگە، نەپ ياقسا سەندىن مەيلىغۇ. ★ ئايرال مېنىڭ تەخەللۇسىم ئىدى. مەن ئۆزۈم ئۆزۈممەن ئەمەس باشقىسى ئابدۇغوپۇرجان راخمان ئايرال شېئىرى ھەق ئېزدەپ جەنۇپتىن كۈلۈپ كېلىمەن، قايسى ھەق قايسى ئەمەس ئوبدان بىلىمەن، ۋاي ئۇنداق،ۋاي بۇنداق دېمەڭلار مېنى، ھەق سۆيەر دوستلارغا دوسىت بوپ كىلىمەن. ــــ خاتىرەمدىن مەن ئۆزۈم ئۆزۈممەن ئەمەس باشقىسى، ئەمەسمەن ناھەققە قەدەم باسقۇچى، يېگىنىم ھالال تۇز،سۈيۈم ئەركەك سۇ، ھەم ئەمەس ناھەقتىن قورقۇپ قاچقۇچى. غورۇر بار، ۋىجدان بار،ئىرادەممۇ بار، بۇلاردۇر تايانچى مەنزىللىرىمنىڭ، شۇ ۋەجە يولۇمدىن كەتمەيمەن ئېزىپ، شەنىگە ھاياتلىق غەزەللىرىمنىڭ. كەمتەرمەن كىبردىن پەقەتلا يىراق، غەلبەمگە پو ئېتىپ سالمايمەن داۋراڭ، جىمغورمۇ ئەمەسمەن لېكىن قىلمايمەن، ئۆزگىنىڭ ئارقىدىن تېپىپ گەپ –پاراڭ. كۆڭلۈم ئاق،نىيىتىم دۇرۇس ھەرزامان، يامانلار ئىزىغا باسمايمەن ئاياغ، ئۈمىدىم ياخشىلىق بابىدا كۆكلەپ، مسكىن دىللارغا ياقسام شام- چىراغ. غاپىلمەن بارچىدىن ئىشەنچىم بىلەن، بولمايدۇ ھېچ يەردە ئۇشبۇ دىلىم خار. ياشايمەن پەخىرلىك ئىلكىدە چۈنكى، تاڭلاردا تاغلارغا بەرگەن ۋەدەم بار. باقىمەن ھاياتقا ئۈمىدلىك بىلەن، ئېيىتقىنىم باشقا ئەمەس ۋىجدان ناخشىسى، ئويلاپمۇ يۈرمەڭلار بۇ زادى كىم دەپ، مەن ئۆزۈم ئۆزۈممەن ئەمەس باشقىسى. تەرجىمان: شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات كەسپىنىڭ 2012-يىللىق ماگېستىر ئاسپىرانتى، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 13070415698 ئېلخەت: qq. com @474480691، ئادرېس:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھرى غالىبىيەت يولى 14-نۇمۇر،پوچتا نۇمۇرى:830046
/
本文档为【喀什文学】,请使用软件OFFICE或WPS软件打开。作品中的文字与图均可以修改和编辑, 图片更改请在作品中右键图片并更换,文字修改请直接点击文字进行修改,也可以新增和删除文档中的内容。
[版权声明] 本站所有资料为用户分享产生,若发现您的权利被侵害,请联系客服邮件isharekefu@iask.cn,我们尽快处理。 本作品所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用。 网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽..)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。

历史搜索

    清空历史搜索